Calenda - The calendar for arts, humanities and social sciences
Published on mercredi, novembre 06, 2013
Summary
Les Ouïghours sont un peuple vivant dans l’Ouest de la Chine, au sein de la région autonome ouïghoure que traversait jadis la route de la soie. L’exceptionnelle richesse de leur culture est un domaine d’étude que privilégient les universitaires de nombreux pays. La semaine d'études ouïghoures à Paris (INALCO, EPHE / GSRL / CNRS, Sciences-Po / CERI / GRAC et université Paris 7) aura lieu du 18 au 22 novembre, et sera l'occasion d'un colloque international, d'ateliers (lectures, calligraphie, cuisine et danse), de dégustation de la cuisine ouïghoure et de deux concerts.
Announcement
Présentation
Les Ouïghours sont un peuple vivant dans l’ouest de la Chine, au sein de la région autonome ouïghoure que traversait jadis la route de la Soie. L’exceptionnelle richesse de leur culture est un domaine d’étude que privilégient les universitaires de nombreux pays.
Le colloque Oghouz, en partenariat avec l’INALCO, l’EPHE/GRSL/CNRS, l’Institut d’Etudes Politiques de Paris/CERI/GRAC, l’Université Paris-VII Denis Diderot, l’IFEAC, le Sénat, l’Association ADET, la MIE Labo 13, et Animafac, accueillera des chercheurs français et étrangers qui présenteront au public leurs travaux sur la culture et le peuple ouïghours.
Le grand public est invité par ailleurs à une rencontre avec cette culture, par le biais de différents ateliers de découverte : calligraphie, gastronomie, danse et littérature. Sont également prévues la projection du documentaire Les Momies du bassin de Tarim de David Shadrack, une exposition de nombreuses œuvres ouïghoures regroupant photographies, mangas et objets ethniques et des concerts d’ouverture et de fermeture de cette semaine.
Accès : Tous ces événements sont gratuits et ouverts à tous. Seules les dégustations de gastronomie ouïghoure, proposées chaque jour lors du déjeuner, sont à prix libre
Programme
Lundi 18 novembre: Langues
(Lieu : Auditorium de l’INALCO au 65 rue des Grands Moulins, 75013 Paris)
10h Ouverture des journées, présentation par Catherine Poujol (INALCO) et Dilnur Reyhan (Université de Strasbourg/INALCO)
- 10h30 « Teaching Uyghur at Indiana University », Gulnisa Nazarova (Indiana University, USA)
- 11h30 « L’ouïghour et les langues turques », Johann Strauss (Université de Strasbourg)
12h30 Pause Repas
13h 30 Atelier de lecture
- 15h 00 « L'informatisation de la langue ouïghoure: défis et tendances», Waris Janbaz (Université Paris-VIII)
16h 00 Vernissage de l'exposition
17h00 Concert ouïghour
Mardi 19 novembre : Identité
(Lieu : Auditorium de l’INALCO au 65 rue des Grands Moulins, 75013 Paris)
10h30 Accueil (Journée présidée par Alexandre Papas)
- 11h00 « The Uyghur identity in contemporary Kazakhstan: opportunities and threats », Ablet Kamalov (Kazakhstan Institute for Oriental Studies)
12h00 Pause repas
13h30 Atelier de calligraphie
14h30 Projection du film « Les Momies du bassin de Tarim », David Shadrack Smith, 2007, 52 min.
- 15h30 « Les soi-disant "momies" des nécropoles du Sinkiang et l'histoire ancienne du Sinkiang », Bernard Sergent (CNRS)
- 16h30 « Uyghur identity in 1930s and 1940s », Ondrej Klémes (Charles University, République Tchèque)
Mercredi 20 novembre : Diaspora et Histoire
(Lieu : Salle de conférence, GSRL – CNRS, 59-61 Rue Pouchet, 75017 Paris)
10h30 Accueil (Journée présidée par Thierry Zarcone)
- 11h00 « Paul Pelliot et l’étude ouïghoure », Maxime Guérin (International Institute for Asian Studies, Leiden, Pays-Bas)
12h00 Pause repas
- 13h30 « La diaspora ouïghoure en Turquie », Stéphane de Tapia (Université de Strasbourg)
- 14h30 « Les Ouïghours du Kirghizstan », David Gauzère (Université de Bordeaux III), Anatole Douaud (Sciences-Po Paris)
- 15h30 « Diaspora numérique ouïghoure », Dilnur Reyhan (Université de Strasbourg/INALCO)
- 16h30 « Les musulmans de Chine », Emmanuel Lincot (Institut Catholique de Paris)
Jeudi 21 novembre : Géopolitique du monde ouïghour (Xinjiang)
(Lieu : Salle de conférence, CERI-Science-Po au 56 Rue Jacob, 75006 Paris)
09h30 Accueil (Journée présidée par Françoise Aubin)
- 10h00 « Aux marges de la société ouïgoure: route de la soie, Naqshbandiyya chinoise, Dungans, apostolat chrétien », Françoise Aubin (CNRS)
- 10h20 « Le soufisme des Ouïghours du Xinjiang à travers la miniature, la gravure et la photographie », Thierry Zarcone (EPHE)
- 11h00 « La renaissance culturelle du Turkestan oriental aux XVIIème et XVIIIème siècles », Alexandre Papas (CNRS)
- 11h40 « Transformation des villes d’oasis, le cas de Kashgar», Jean-Paul Loubes (Ecole d’Architecture de Paris - La Villette/ EHESS)
12h20 Pause repas
- 14h00 « The Bulldozer State. Chinese socialist development in Xinjiang », Ildikó Bellér‑Hann (Université de Copenhague)
- 14h40 « Modernité et mutation des formes de mobilisation politique chez les Ouïghours », Rémi Castets (Université Bordeaux III/Sciences-Po)
- 15h20 « Being on a 'wrong' side in the Civil war: mass shooting of Taranchi Uyghurs ("Atu'' tragedy) in Semerich'ye in 1918 », Ablet Kamalov (Académie des Sciences du Kazakhstan)
- 16h00 « La stratégie chinoise d’ouverture du Xinjiang à l’Eurasie », Alain Cariou (Université Paris IV Sorbonne)
- 16h40 La Chine de l’Asie centrale et la politique chinoise au Xinjiang », Zhang Yike (China Executive Leadership Academy Pudong) sous réserve
Vendredi 22 novembre : Art et Culture
(Lieu : Université Paris-VII Denis-Diderot, Halle aux Farines, Amphi 5C, 5 Rue Thomas Mann 75013)
- 10h30 Accueil (Journée présidée par Rémi Castets)
- 11h00 « Qutadgu Bilig, une oeuvre de transition entre culture ancienne et Islam», Vali Sulaymanoglu (INALCO)
12h00 Atelier de cuisine ouïghoure avec Jany (Labo 13 de la MIE au 15, Rue Jean-Antoine de Baïf, 75013 Paris)
- 14h00 « La mise en scène de la musique et de la danse traditionnelle ouïghoure», Mukaddas Mijit (Université Paris- X)
- 15h00 « La technique de Leghmen ouïghour », Nicole Rodda (EHESS)
16h00 Atelier de danse ouïghoure avec Mukaddas Mijit
17h00 Grand concert avec des groupes ouïghours de la Scandinavie.
پارىژ ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەپتىلىكى
نۆۋەتتە ئوغۇز ئۇيۇشمىسى باش بولۇپ ئويۇشتۇرىۋاتقان 2013-يىلى ئوغلاق ئىيىنىڭ 18-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى پارىژ ئۇيغۇر تەتقىقات ھەپتىلىكى روياپقا چىقىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. بۇ قېتىملىق خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق پائالىيىتىدە، ياۋروپا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇنىۋېرسىتلەردىن كۆزگە كۆرۈنگەن جوڭگوشۇناس، تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار تۇنجى قېتىم پۈتۈن بىر ھەپتىلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن پارىژغا توپلىنىدۇ. بۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەپتىلىكى گەرچە ئوغۇز ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما پارىژدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتلاردىن ئىنالكو (فرانسىيە دۆلەتلىك شەرقشۇناسلىق ئىنىستۇتى)، ئالى بىلىملەر تەتبىق مەكتىپى، پارىژنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئىجدىمائى پەنلەر بىلىم يۇرتى بولغان پارىژ سىياسى پەنلەر ئىنىستىتۇتى ۋە پارىژ دېدىغو ئۇنىۋېرسىتى قاتارلىقلار، تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرىدىن فرانسىيە دۆلەتلىك ئىلمى تەتقىقات مەركىزى، "جەمئىيەت، دىن ۋە لايىكلىق گۇرۇپپىسى"، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزى، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات گۇرۇپپىسى، فرانسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنىستۇتى قاتارلىقلار، دۆلەت ئورگانلىرىدىن يۇقىرى پارلامېنىت، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار بۆلۈملىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئورۇنلارنىڭ ئىقتىسادى، ماددى ۋە مەنىۋى قوللىشى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىمىزغا كاپالەت بەردى.
بۇ چوڭ تىپتىكى پائالىيىتىمىز نىڭ مەقسىتى، ھەممىڭلارغا ئايان بولغاندەك مىللىتىمىزنىڭ تونۇلىشىنى كېڭەيتىش، فرانسىيەلىكلەرنى، بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىت دۇنياسىنى مىللىتىمىز ھەققىدە يەنىمۇ بىر بالداق چوڭقۇر چۇشەنچىگە ئىگە قىلىش ۋە بۇ پائالىيەتلەر نەتىجىسىدە يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان فرانسۇز ياش تەتقىقاتچىلىرىنى ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىگە جەلپ قىلىشتۇر. يىغىپ ئېيتقاندا، ئاۋازىمىزنى باشقىلارغا ئىلمى ئۇسۇلدا ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغانمىز. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ قېتىملىق پارىژ ئۇيغۇر ھەپتىلىكى پائالىيىتىمىز بىز بۇرۇن ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر فېستىۋاللىرىدىنمۇ ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ، كۆلىمى ۋە ھەجىمى جەھەتتىن چوڭ، تەسىر دائىرىسى كەڭ، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر لار ھەققىدىكى تەتقىقات تېمىسى سەرخىل بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىدىغان ھەر ساھە بىلىم ئىگىلىرىنىڭ بى- بىرى بىلەن تونۇشۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ تەتقىقات ساھەسىنى قېزىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىش پۇرسىتىدۇر. قازاقىستان شەرقشۇناسلىق ئىنىستۇتىدىن تارىخشۇناس ئابلەت كامالوۋ، ئامرېكا ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتې ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى گۈلنىسا نازاروۋا، پراگ چارلىس ئۇنىۋېرسىتىدىن ئاندىرى كلىمەس (ئۆتكۈر)، كوپېنگاھىن ئۇنىۋېرسىتىدىن ئىنسانشۇناس ئىلدىكو بەلەرخان، گوللاندىيە شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدىن ماكسىم گېرىنلار فرانسىيە سىرتىدىن مەخسۇس بۇ تەتقىقات ھەپتىلىكىگە كېلىدىغان تەتقىقاتچىلاردۇر.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت ھەرخىل تېما ۋە ساھەلەردىكى ( تىل، دىن، كىملىك، سىياسى –جۇغراپىيە، بىناكارلىق، مەدىنىيەت-سەنئەت ) تەتقىقات يىغىنلىرىلا بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، ئۇيغۇر مىللى تائاملىرىمىزنى سۇنۇش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، خۇشخەت، مىللى ئۇسسۇل ۋە ئۇيغۇر تامىقى ھازىرلاش قاتارلىق تۆت خىل كۇرس ئۇيۇشتۇرۇش، شۇنداقلا ئۇيغۇر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە مىللى بۇيۇملار كۆرگەزمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل مەدىنى پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پائالىيەتنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى كۈنلىرى مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان سەنئەتچىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنى قاتناشقۇچىلارغا نامايان قىلىدۇ.
پارىژ ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەپتىلىكى گەرچە ئۇنىۋېرسىتلاردا ئۆتكۈزۈلسىمۇ، ئەمما ھەر ساھەدىكى كىشىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئەلۋەتتە پارىژدىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. بىز ئۇيغۇرمىز، ئۇيۇشقاقمىز!
پارىژ ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەپتىلىكى
2013-يىلى ئوغلاق ئېيىنىڭ 18-كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە
پائالىيەت كۈن تەرتىپلىرى
ئىنالكو (دۆلەتلىك شەرق تىللىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئىنستىتۇتى)
18- نويابىر دۈشەنبە : تىل
10:00 ئۇيغۇر ھەپتىلىكى ئېچىلىش مۇراسىمى ، كاترىن پۇژول (ئىنالكو) ۋە دىلنۇر رەيھان (ئىنالكو)
10:30 « ئۇيغۇرچە ۋە تۈركى تىللار»، يوھان شتىخاۋۇس (ستراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتى)
11:30 « ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتىدە ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى » ، گۈلنىسا نازاروۋا (ئامرېكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتى)
12:30 چۈشلۈك تائام (ئۇيغۇر يېمەكلىرى)
13:30 ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن ئۈزۈندىلەر (ئۇيغۇرچە ۋە فرانسۇزچە)
15:00 « ئۇيغۇر تىلىنىڭ كومپىيوتىرلىشىشى: »، ۋارىس جانباز (پارىژ 8- ئۇنىۋېرسىتى)
16:00 كۆرگەزمە ئېچىلىش مۇراسىمى
17:00 ئۇيغۇرچە كونسېرت
19-نويابىر ، سەيشەنبە : كىملىك
10:30 كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى (كۈنلۈك رىياسەتچى ئالېكساندىر پاپاس)
11:00 « بۈگۈنكى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر كىملىكى: پۇرسەت ۋە تەھدىتلەر »، ئابلەت كامالوۋ (قازاقىستان شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى)
12:00 چۈشلۈك تائام (ئۇيغۇر يېمەكلىرى)
13:30 ئۇيغۇر ھۆسنىخەت مەشقى
14:30 ھۆججەتلىك فىلىم « تارىم مومىيالىرى»، داۋىد سىمىت، 2007. 52 مىنۇت
15:30 « شىنجاڭنىڭ ئاتالمىش "مومىيالىرى" ۋە قەدىمى تارىخى»، بەغناغ سەغژاڭ (دۆلەتلىك ئىلمى تەتقىقاتلار مەركىزى)
16:30 « 1930-1940 يىللاردىكى ئۇيغۇر كىملىكى »، ئاندرى كلېمەس (چېخىيە پراگا ئۇنىۋېرسىتى)
ئالى بىلىملەر قوللانما ئىنىستىتۇتى / دۆلەتلىك ئىلمى تەتقىقاتلار مەركىزى
20-نويابىر، چارشەنبە : دىياسپورا ۋە تارىخ
30: 10 كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى (كۈنلۈك رىياسەتچى تىيېغى زاخكون)
11:00 « پول پەلىيوت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق» ، ماكسىم گېرىن (گوللاندىيە لېيدىن خەلقئارا ئاسىيا تەتقىقاتلىرى ئىنىستۇتى)
12:00 چۈشلۈك تائام (ئۇيغۇر يېمەكلىرى)
13:30 « تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دىياسپوراسى» ، ستېفان دۆ تاپىيا (ستراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتى)
14:30 « قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى» ، داۋىد گائۇزەخ (بوغدو 3- ئۇنىۋېرسىتى) ۋە ئاناتول دۇئا (پارىژ سىياسى پەنلەر ئىنىستۇتى)
15:30 « ئۇيغۇر تور دىياسپوراسى»، دىلنۇر رەيھان (ئىنالكو / ستراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتى)
16:30 « جوڭگو مۇسۇلمانلىرى»، ئىممانۈئەل لىنكو (پارىژ كاتولىك ئىنىستۇتى)
پارىژ سىياسى پەنلەر ئىنىستىتۇتى / خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزى
21- نويابىر، پەيشەنبە : ئۇيغۇر دۇنياسى سىياسى جۇغراپىيىسى
09:30 كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى (كۈنلۈك رىياسەتچى فخاڭسوۋاز ئوبەڭ)
10:00 « ئۇيغۇر جەمىيىتى چەت-چۆرىسىدە: جوڭگو ناقىشباندىيەسى، تۇڭگانلار، خرىستىيان دىندارلىرى»، فخاڭسوۋاز ئوبەڭ (دۆلەتلىك ئىلمى تەتقىقاتلار مەركىزى)
10:20 « سۈرەتلەر، نەقىشلەر ۋە كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشلەردىن ئۇيغۇر سوپىزىمچىلىقىغا نەزەر»، تيېغى زاخكون (ئالى بىلىملەر قوللانما ئىنىستىتۇتى)
11:00 « 17- ۋە 18-ئەسىرلەردىكى تۈركىستان مەدەنىيەت ئاقارتىشى»، ئالېكساندىر پاپاس (ئىجدىمائى پەنلەر ئالى بىلىم يۇرتى)
11:40 «بوستانلىق شەھەرلەرنىڭ ئۆزگەرتىلىشى: قەشقەرنىڭ مىسالى»، ژاڭ-پول لۇب (پارىژ مىمارچىلىق ئالى مەكتىپى)
12:20 چۈشلۈك تائام (ئۇيغۇر يېمەكلىرى)
14:00 « كومبايىن دۆلەت: جوڭگونىڭ شىنجاڭدىكى سوتسىيالىزىملىق تەرەققىياتى»، ئىلدىكو بەلەر-خان (دانىيە كوپىنگاھىن ئۇنىۋېرسىتى)
14:40 « ئۇيغۇرلاردىكى زامانىۋىلىق ۋە سىياسى تەشكىللىنىش ئۆزگىرىشلىرى »، غېمى كاستەت (بوغدو 3-ئۇنىۋېرسىتى )
15:20 « ئىچكى ئۇرۇشنىڭ يامان تەرىپىدە تۇرۇپ قېلىش: 1918- يىلىدىكى سەمەرىچىيە تارانچى ئۇيغۇرلىرى قىرغىنچىلىقى»، ئابلەت كامالوۋ ( قازاقىستان شەرقشۇناسلىق ئىنىستۇتى)
16:00 « جوڭگونىڭ شىنجاڭنى ياۋرو-ئاسىياغا ئېچىشتىكى ستراتىگىيىسى»، ئالەڭ كاغىيۇ (پارىژ سوغبون ئۇنىۋېرسىتى)
16:40 « جوڭگو ئوتتۇرا ئاسىياسى ۋە جوڭگونىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتى »، جاڭ يىكى (جوڭگو پۇدوڭ ئىجرائىيە مۇدىرلىق ئاكادېمىيەسى)
پارىژ دۆنى-دىدېغو 7- ئۇنىۋېرسىتى
22-نويابىر، جۈمە : مەدەنىيەت ۋە سەنئەت
10:30 كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى (كۈنلۈك رىياسەتچى غېمى كاستەت)
11:00 « يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ "قۇتاتغۇبىلىگ" ئەسىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلار»، ۋەلى سۇلايمانئوغلۇ (ئىنالكو)
12:00 ئۇيغۇر تائاملىرىنى تەييارلاش مەشقى (ئەلى ئىسمائىل)
14:00 « ئۇيغۇر مىللى ئۇسسۇل ۋە مۇزىكىسىنىڭ سەھنىلەشتۈرۈلۈشى »، مۇقەددەس مىجىت (پارىژ 10- ئۇنىۋېرسىتى)
15:00 « ئۇيغۇر لەغمەن تېخنىكىسى»، نىكول روددا (ئىجدىمائى پەنلەر ئالى بىلىم يۇرتى)
16:00 ئۇيغۇر ئۇسسۇل مەشقى (مۇقەددەس مىجىت)
17:00
Subjects
- Asia (Main subject)
- Mind and language > Language > Linguistics
- Society > Geography > Migration, immigration, minorities
- Society > Political studies > Political science
- Society > Political studies > Political history
- Zones and regions > Asia > Central Asia
- Society > Ethnology, anthropology > Religious anthropology
- Mind and language > Representation > Cultural identities
Places
- INALCO | GSRL-CNRS | CERI/Sciences-Po | Université Paris-VII Denis-Diderot, Amphi 5C - 5 rue des Grands Moulins |59-61 rue Pouchet | 56 Rue Jacob | 5 rue Thomas Mann
Paris, France (75013 | 75017 |75006)
Date(s)
- lundi, novembre 18, 2013
- mardi, novembre 19, 2013
- mercredi, novembre 20, 2013
- jeudi, novembre 21, 2013
- vendredi, novembre 22, 2013
Attached files
Keywords
- identité ouïghoure, culture ouïghoure, histoire ouïghoure, xinjiang, minorité chinoise
Contact(s)
- Dilnur Reyhan
courriel : dilnurpolat [at] gmail [dot] com
Reference Urls
Information source
- Dilnur Reyhan
courriel : dilnurpolat [at] gmail [dot] com
To cite this announcement
« Uyghur study week », Conference, symposium, Calenda, Published on mercredi, novembre 06, 2013, https://calenda-formation.labocleo.org/265145